歌词塔 搜索歌曲

Aydingda Tanha May iqix(月下独酌)歌词

作词 : 李白
作曲 : Kamil Jelil
ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش
تېكىستى:لى بەي
مۇزىكىسى:كامىل جېلىل
تېكىست تەھرىرى: ئابدۇخالىق تەربى
تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ
ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ
ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ
ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي
ياندا سايەم، قالمىدىم يالغۇزسىراپ
ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي
ياندا سايەم، قالمىدىم يالغۇزسىراپ
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
ۋە لېكىن ئاينىڭ لېۋى مەيدىن نېرى
قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ
ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن
ئۆتكۈدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراب
ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن
ئۆتكۈدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراب
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي
چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ
ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي
چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ
ساق ۋاقتىدا سىردىشىپ،سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن
مەست بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ
ساق ۋاقتىدا سىردىشىپ،سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن
مەست بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ
بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك
تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاب
تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئــــازاب…
تەرجىمە قىلغۇچى:ئىمىن ئەھمىدى
ئاكوردلاشتۇرغۇچى:نۇرشات دىلشات
گىتتاردا:ئېزىزجان
باربىت:ئالىمجان ئابدۇرېھىم
更多>

Kamil Jelil最新专辑

更多>

Kamil Jelil最新歌曲