Anamnig Teliki-NazarObul歌词
作词 : Nazar Obul
作曲 : Nazar Obul
ئانامنىڭ تىلىكى
بىر كۈنى گۈزەللەر قارغايدۇ مىنى
بۇزۇلغان مۇھەببەت ئۈچۈن قارغايدۇ
مەن مۈكۈپ يۈرمەيمەن خۇدۈك ئالمايمەن
ئانامنىڭ تىلىكى مىنى ئاسرايدۇ
بىر كۈنى دوسلۇرۇم قارغايدۇ مىنى
سېتىلغان ساداقەت ئۈچۈن قارغايدۇ
يىراقلاشقان چۆللەردىن تاپماسمەن پاناھ
ئانامنىڭ تىلىكى مىنى ئاسرايدۇ
بىر كۈنى غەيۋەتلەر قارغايدۇ مىنى
ئېيتقان ناخشىللىرىم ئۈچۈن قارغايدۇ
مەن كۈلۈپ يۈرىيمەن خۇدۈك ئالمايمەن
ئانامنڭ تىلىكى مىنى ئاسرايدۇ