Shuqeder歌词
بار دىدى جاھاندا نى نى گۈزەللەر
ۋەلىكىن كۆرمۈدۈم سەن كەبى رەنا
كۆزلۈرۈڭ زىننەتتۇر ئۈشبۇ ھاياتقا
سۆزلىرىڭ بىرىدۇ بەختىمگە مەنا
كۈلكەڭدە مىڭ قۇياش قىلىدۇ جىلۋە
چاچلىرىڭ قارىسى تۈنگە ئۇلاشقان
لىۋىڭ گۈل بەرگىدەك كىرپىكىڭ تىكەن
زىناقىڭ يۈزىڭگە بەكمۇ ياراشقان
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر شىرىن
سۆزلىرىڭ بۇلبۇلنى قىلىدۇ مەسىتخۇش
ئارمانىم يوق مىنىڭ ئۆزىڭدىن بۆلۈك
ئۈچۈندۇر ھەممىسى ۋەسلىڭنى قۇچۇش
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
خىيالىم كۆكىدە يىگانىدۇرسەن
ۋىسالنى نىشانلاپ ئەيلىگەن پەرۋاز
قەلبىم بىر خاتىرە ساڭا سۇنۇلغان
كەلگىن سەن ئۇنىڭغا بەختىمىزنى ياز
كۈلكەڭدە مىڭ قۇياش قىلىدۇ جىلۋە
چاچلىرىڭ قارىسى تۈنگە ئۇلاشقان
لىۋىڭ گۈل بەرگىدەك كىرپىكىڭ تىكەن
زىناقىڭ يۈزىڭگە بەكمۇ ياراشقان
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر شىرىن
سۆزلىرىڭ بۇلبۇلنى قىلىدۇ مەسىتخۇش
ئارمانىم يوق مىنىڭ ئۆزىڭدىن بۆلۈك
ئۈچۈندۇر ھەممىسى ۋەسلىڭنى قۇچۇش
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر
شۇ قەدەر يىقىملىق شۇ قەدەر