Baghri Qan(悲伤)歌词
作词 : Gulnisa Imin(古丽妮莎·衣明
作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
يەنە كىم بارەي مەندەك باغرى قان
باشىدا مىڭ ئوت ئۆزى ناتىۋان
چاك-چاك يېرىلغان تۇپراقتۇر ھالىم
قاينايدۇ ياشىم ئىچىمدە پىغان
يەنە كىم بارەي ئېيتقىنە ئەي جانان
ئىستىگەن يارغا بېرىشنى مىڭ جان
پىراق چۆلىنى مىڭ يىللاپ كەزگەن
تېپىلماس مەندەك تەلۋە سەرگەردان
مۇزىكا
بەرگى خەزان گۈل ئۈستۈمگە توندۇر
بۇلبۇل دەردىمگە ئۇرىدۇ خەندان
بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم
ئەجەل قۇشلەرى قىلغايمۇ دان-دان
يەنە كىم بارەي ئېيتقىنە ئەي جانان
ئىستىگەن يارغا بېرىشنى مىڭ جان
پىراق چۆلىنى مىڭ يىللاپ كەزگەن
تېپىلماس مەندەك تەلۋە سەرگەردان
مۇزىكا
كۆيگەن يۈرەكنىڭ ھىدىنى ھىدلاپ
لەززەت تاپارمۇ يا ئالارمۇ جان
پىراق چۆلىنى مىڭ يىللاپ كەزگەن
تېپىلماس مەندەك تەلۋە سەرگەردان
يەنە كىم بارەي ئېيتقىنە ئەي جانان
ئىستىگەن يارغا بېرىشنى مىڭ جان
پىراق چۆلىنى مىڭ يىللاپ كەزگەن
تېپىلماس مەندەك تەلۋە سەرگەردان
تېپىلماس مەندەك تەلۋە سەرگەردان