Dihqan Kongli歌词
作词 : Muxter Bughra
作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
دېھقان كۆڭلى
مەۋلان مەمتىمىن / شىرئەلى ئەلتېكىن / ئابدۇقادىر يارئېلى
سۆزى: مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى: مەۋلان مەمتىمىن
چوغ بېرەر چوغ سورىساڭ
سوغۇقتا گۈلخان ياندۇرار
چوغ بېرەر چوغ سورىساڭ
سوغۇقتا گۈلخان ياندۇرار
چاڭقىغاندا سۇ بېرەر
تەشنالىقىڭنى قاندۇرار
دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان ئۇلۇغ
دېھقان يولى ھالال يورۇق
قىرىق ئادەمگە ھۇزۇر
بىر دانە دېھقان قوغۇنى
مىڭ جامائەتكە يېتەر
تۇنۇردا پىشقان ئاق نېنى
دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان ئۇلۇغ
دېھقان يولى ھالال يورۇق
… مۇزىكا …
تۈندىمۇ چەكسەڭ ئىشىك
قارشى ئالار غۇلاچ كېرىپ
ئۇزىتار نە- نەگىچە
ئاق يول تېلەپ دۇئا بېرىپ
دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان ئۇلۇغ
دېھقان يولى ھالال يورۇق
… مۇزىكا …
ھالال پۈتكەن تەرگىنى
تېرىغىنى ئۇرۇق ئەمەس
پاختىدەك تۇرسا دىلى
دېھقاننى كىم ئۇلۇغ دىمەس
پاختىدەك تۇرسا دىلى
دېھقاننى كىم ئۇلۇغ دىمەس
دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان ئۇلۇغ
دېھقان يولى ھالال يورۇق
دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان ئۇلۇغ
دېھقان يولى ھالال يورۇق
دېھقان يولى ھالال يورۇق
(تېكىست تەھرىرى: ئالىمجان)