歌词塔 搜索歌曲

Yazdim Ozumni (撰写了自己)歌词

作词 : HAKAN-YOGHAN
作曲 : HAKAN-YOGHAN

خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
قۇلۇمغا ئالدىم تىزگىنەكنى كەينىگە ئازىراق يۆتكۈدۈم
ئۇنتۇپتىمەن بەك ئۆزۈمنى بۈگۈن سەل-پەل ئۆكۈندۈم
ئاتمىش دىيۇملۇق تېلىۋىزوردا چىقىۋاتىدۇ سۈرۈتۈم
تۆۋەن ئاۋازدا قايتىپ كەلدىم دېدىم ئۆزەمچە كۆلدۈم
قەلىمىمنى ئالدىم مەن بىر ۋاراقچە تاپتىم
ئاپىستىراتىك ئوي-خىياللىرىمنى ئاددىلاشتۇرۇپ يازدىم
يازغانسىرى يازغىم كەلدى ھېسىياتىم ئاندىن
تەپەككۇرۇمغا ئەگىشىم تۇرۇپتۇ كۈچلۈك قەلىمىم
تامام بولدى تېكىستىم ئۆزەمچە سەت ئاخسا
بەك پەيزى ماندا ھېسىيات ھېچ كىم ئارلاشما
بەش يىل بوپتۇ ساق چىقارمىغىلى پىلاستىنكا-ناخشا
فلوۋرىمدا چاتاق يوق شۇ گەپ خەلىققە ياقساFlow
ئاۋاز ئېلىش ئۆيۈم تۇراتتى جايىدا-جايىدا
كۆڭلۈم يىرىم يوقلاپ قۇياتتىم گاھىدا-گاھىدا
بۈگۈن قايتىپ چۈشتۈم يەنى يەرئاستىغا-ئاستىغا
تېكىىستىمنى ئىلىپ مېكىرافۇن ئالدىغا-ئالدىغا
بىلىتىم بۇ مېكىرافۇنۇم يالغۇز قالمايتى ھامان
ھامان بىر كۈن بۇ يولنىڭ كەينىنى مۇشۇنداق ماڭاتىم داۋام
ما ئۈچ-تۆتۈڭ ئاياغ قىپىدىكى دەيلىرىڭنى ئەپ يوقال
قايتىپ كەلدى ما كوچىغا ئەمدى ئەينى يىلدىكى خاقان
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
بۇ قېتىم مەن بەشقىچە ھېي ئۆزۈم تەنھا يېڭىچە
پات ئاردا ئىسپاتلايمەن ناخشىلىرىم ئۆزگىچە
خاسلىقىم بار بۇ تەرپىمگە مەن ئۆزۈممۇ بەك ئىشىنىمەن
شۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن كۆچۈپ كەلدىم مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە
يۇقۇر سۈرەتلىك تاش يولنىڭ يوقۇر چىكى يۈز يىگىرمە
كەيپىياتىم چەس دەيمەن ئەمدى توختاپ قالمايمەن
ئۇرۇق-تۇققان ئايالىم ۋە بىر ئىنىمگە رەھمەت دەيمەن
مېنىڭ قايتا تۇرۇشۇمغا كۈچ چىقاردى ئۇنتۇمايمەن
مانا بۇ دەل مۇھەببەت ھېي مانا بۇ دېگەن ھەقىقەت
قېينىسىمۇ تۇرمۇش مېنى ئۇلار كەتمىدى يېنىمدىن پەقەت
شۇڭا بولدۇم ئۆز-ئۆزۈمدىن نەچچە-نەچچە خىجالەت
ئەمدى بىلسەم ئىككەن ھەممىسى ياخشىلىقتىن بىشارەت
ئۇزۇن بوپتۇ ئۆزلۈك توغۇرلۇق ئولتۇرۇپ ئۇيلانمىغىلى
ئاپتاپتا دۈم يېتىپ قوي مىيىدا مايلانمىغىلى
تېكىستىمنى ئېلىپ كىلىپ قاتتىق ئۇدارنى ئايلانمىغىلى
تەڭرى تېغىدىكى رەپچىلەر قاتارىدا سانالمىغىلى
ئاخىردا شۇنى دېمەكچىمەنكى قېنى بۇرۇنقى رەپچىلەر
قاپىيەدىن قاس چىقارغان شۇ سەنىمىزدىكى گەپچىلەر
ھەممەيلەن ھاياجاندا رەپ ئېيتقان شۇ دەقىقىلەر
قايتىپ كەلدىم بۇ سەھنىگە سىلەرمۇ قايتىپ كەلمەمسىلەر
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
خاقاننى يازدىم ئۆزۈمنى يازدىم
جاكارلايمەن ئەمدى مەن قايتىپ كەلدىم
更多>

HAKAN最新专辑

更多>

HAKAN最新歌曲