歌词塔 搜索歌曲

Oz yaring(Cover halik nahxisi)歌词

歌手:Robot-Boy 专辑:Cover album

作词 : halik nahxisi
作曲 : halik nahxisi
ئۆزگە باققا كۆزسالما،ئۆزبېغىڭدا گۈلزارىڭ
نېمە تەشۋىش ئالەمدە،تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس،قازىنىدا ۋاپانى
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە،ئەتراپىڭدا ئۆز يارىڭ
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس،قازىنىدا ۋاپانى
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە،ئەتراپىڭدا ئۆز يارىڭ
پىچاق كەسسە قولۇڭنى،ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا يارىم،ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس
يۆلەپ يۈرەر بىر ئۆمۈر،بولۇپ قالساڭ ماڭالماس
نىجاتلىقى بار سەن ئۈچۈن،ياققان شامدا ئۆز يارىڭ
يۆلەپ يۈرەر بىر ئۆمۈر،بولۇپ قالساڭ ماڭالماس
نىجاتلىقى بار سەن ئۈچۈن،ياققان شامدا ئۆز يارىڭ
چىنىسىدىن ئىلغايدۇ،قىيمىسىنى چىنەڭگە
ئاچ قالغاندا بېچارە يارىڭ،بىللە چىقار بىنەمگە
باي بولغاندا ياتقۇزۇپ،ئاۋال سېنى گىلەمگە
تولغىنىسەن راھەتتە،ئۇيغاتقاندا ئۆزيارىڭ
باي بولغاندا ياتقۇزۇپ،ئاۋال سېنى گىلەمگە
تولغىنىسەن راھەتتە،ئۇيغاتقاندا ئۆزيارىڭ
يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا،قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن
ئېسىلىدۇ بوينۈڭغا يارىم،ئامان كەلسەڭ خەتەردىن
يامان كۈن يوق ئالەمدە،يارسىز بويتاق ئۆتەردىم
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن،ئەسكى تامدا ئۆزيارىڭ
يامان كۈن يوق ئالەمدە،يارسىز بويتاق ئۆتەردىم
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن،ئەسكى تامدا ئۆزيارىڭ
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن،ئەسكى تامدا ئۆزيارىڭ

更多>

Robot-Boy最新专辑

更多>

Robot-Boy最新歌曲