歌词塔 搜索歌曲

Halamdu Koglug歌词

歌手:Mrdii 专辑:最新热歌慢摇99

كەچۈرمىشىڭ ئېيتما سەن
قىزىقمايمەن ئەزەلدىن
ماڭا كېرەك بىر ئېغىز سۆزۈڭ
سېنى ئېلىپ كېتەيمەن
ئاشۇ يىراق جايلارغا
بىلەلمىدىم خالامدۇ كۆڭلۈڭ
يالغۇز قالدىم بۇ يۇرتتا
پەرۋانە بولۇپ نۇرۇڭغا
كۆزلىرىمدىن بىلگىن دەردىمنى
سېنى سۆيگەن يۈرەكتىن
يوقتۇر بۆلەك ھېچنېمەم
بىلەلمىدىم خالامدۇ كۆڭلۈڭ
بىرگە ئېلىپ كەتكۈم بار جېنىم
سېنى ئاشۇ گۈزەل بېغىمغا
يوللىرىڭغا پايانداز سېلىپ
ئالغاچ كېتەي ئالتۇن چېغىمغا
شەخسىيەتچى دېسەڭمۇ دېگىن
تەلپۈنىمەن ماقۇللىرىڭغا
كۈتەي سەندىن بىر ئېغىزلا سۆز
ئېيتقىن ماڭا خالامدۇ كۆڭلۈم
سۇ ئۈستىدە لەيلىدىم
غازاڭ بولۇپ كۈل بولۇپ
قىرغاقلىرىدىن ئىزدىگىن مېنى
تېگىشلىك دەپ بىلەمسەن
بۇ ئالەمنى مەن ئۈچۈن
بىلەلمىدىم خالامدۇ كۆڭلۈڭ
تارتاي دەيمەن قولۇڭدىن
ياناي دەيمەن يولۇمدىن
بىلەلمىدىم نە قىلارىمنى
تاشلاپ كېتەي دېسەممەن
ساڭا قىيمايدۇ يۈرەك
بىلەلمىدىم خالامدۇ كۆڭلۈڭ
بىرگە ئېلىپ كەتكۈم بار جېنىم
سېنى ئاشۇ گۈزەل بېغىمغا
يوللىرىڭغا پايانداز سېلىپ
ئالغاچ كېتەي ئالتۇن چېغىمغا
شەخسىيەتچى دېسەڭمۇ دېگىن
تەلپۈنىمەن ماقۇللىرىڭغا
كۈتەي سەندىن بىر ئېغىزلا سۆز
ئېيتقىن ماڭا خالامدۇ كۆڭلۈم
ئېيتقىن ماڭا خالامدۇ كۆڭلۈڭ
更多>

Mrdii最新专辑

更多>

Mrdii最新歌曲