歌词塔 搜索歌曲

Waz kichelmeymen 无法放弃歌词

作词 : Chimengul Awut
作曲 : Abdugini Ablikim
ۋاز كېچەلمەيمەن
تېكىستى: چىمەنگۈل ئاۋۇت
مۇزىكىسى: ئابدۇغېنى ئابلىكىم
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: كېرەمجان مۇھەممەدئېلى
ناخشىدا: ئابدۇغېنى ئابلىكىم
سۆيەتتىڭ مېنى،قېينىدىم سېنى
يالغۇز يۈرەمسەن گۈلۈم قار ياققان كۈنى
سېنىڭ كۆڭلۈڭدە مېنىڭ ھەسرىتىم
بۇ ھاياتىمدا گۈلۈم كۆيدۈم بىر قېتىم
ۋاز كېچەلمەيمەن دىدىڭ،
يەنە غېمىمنى يېدىڭ
يولۇڭدا يالغۇز دەرەخ بولسۇن جېنىم
ۋاز كېچەلمەيمەن دىدىڭ،
يەنە غېمىمنى يېدىڭ
يولۇڭدا يالغۇز دەرەخ بولسۇن جېنىم
مۇزىكا
كەچۈرگىن مېنى،سېغىندىم سېنى
باغرىمنى ئاچاي ساڭا،تۆكمە يېشىڭنى
قارا كېچەڭگە يەتكەيمۇ ناخشام
قاردەك لەپىلدەپ سەنمۇ چۈشكىن بۇ ئاخشام
ۋاز كېچەلمەيمەن شۇڭا
بەرگىن قولۇڭنى ماڭا
مۇھەببەت قايغۇسىدىن بولاي جۇدا
ۋاز كېچەلمەيمەن شۇڭا
بەرگىن قولۇڭنى ماڭا
مۇھەببەت قايغۇسىدىن بولاي جۇدا
مۇزىكا
ۋاز كېچەلمەيمەن دىدىڭ
يەنە غېمىمنى يېدىڭ
يولۇڭدا يالغۇز دەرەخ بولسۇن جېنىم
ۋاز كېچەلمەيمەن شۇڭا
بەرگىن قولۇڭنى ماڭا
مۇھەببەت قايغۇسىدىن بولاي جۇدا
مۇھەببەت قايغۇسىدىن بولاي جۇدا

更多>

Abdugini Ablikim最新专辑

更多>

Abdugini Ablikim最新歌曲