歌词塔 搜索歌曲

Kitarsanmu歌词

作词 : abdusopur Ghulam
作曲 : Ghulameli Ghupur 吾拉木艾力吾普尔
كېتەرسەنمۇ
غۇلامئەلى غوپۇر

قان يۈتۈممۇ زەھەرمۇ ھەم
بىلمىدىم ئۆزۈممۇ ھەم كېتەرسەنمۇ
مېنى ئازاپقا سېلىپ
كۆزلىرىمدىن ياش ئېلىپ كېتەرسەنمۇ
بىلمىدىم يولۇم قايان
پۇتۇم ئاشماس تاغ -داۋان يۈرەرمەنمۇ
بىر ئۆمۈر بەختىڭ تىلەپ
ئاخىرىتىمنى تىلەپ ئۆلەرمەنمۇ

سوراپ سېنى ئايلاردىن
خۇشال ئۆتكەن كۈنلەردىن تاپارمەنمۇ
يالغۇزلۇقتا ئاھ ئۇرۇپ
سۈرىتىڭگە يالۋۇرۇپ ئۆتەرمەنمۇ
ئۆز -ئۆزۈمنى مەن ئالداپ
قوي كۆزۈمنى ھەم ياشلاپ ئۆتەرمەنمۇ
بىر ساڭا بەخىت تىلەپ
يۈرەگىمنى ھەم يۇلۇپ ئالارمەنمۇ

ئۇنۇتالماي بىر كۈنى
ماڭا ئوخشاش ھەم كۆيۈپ يۈرەرسەنمۇ
يىغلاپ يايرىم كۈن تۈنى
ئەسلەپ يەنە ئۆزۈڭنى كۈلەرسەنمۇ
زارى ئۆتۈلسە شۇ قەدرىم
ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق ئۆلەرسەنمۇ
بەخىت تىلەپ مەن قالسام
قېنىم ئىچىپ سەن ياشاپ سۆيەرسەنمۇ
زارى ئۆتۈلسە شۇ قەدرىم
ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق ئۆلەرسەنمۇ
بەخىت تىلەپ مەن قالسام
قېنىم ئىچىپ سەن ياشاپ سۆيەرسەنمۇ

更多>

Ghulameli Ghupur 吾拉木艾力吾普尔最新专辑

更多>

Ghulameli Ghupur 吾拉木艾力吾普尔最新歌曲