Kunalmidim Sansiz Yashaxka歌词
作词 : Yaqupjan Yasin
作曲 : GhulamEli Ghopur
编曲 : Këremjan MuhemmedEli
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
غۇلامئەلى غوپۇر
سۆزى : ياقۇپجان ياسىن
مۇزىكىسى : غۇلامئەلى غوپۇر
ئاكورتلاشتۇرغۇچى : كېرەمجان مۇھەممەدئەلى
خۇشال ئۆتكەن كۈنلەر قېنى
نېچۈن تاشلاپ كېتىسەن مېنى
سېغىنمايمەن دېدىم-يۇ لېكىن
ئامال قانچە سېغىندىم سېنى
بولسىمۇ گەر سۆيگىنىڭ باشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
بولسىمۇ گەر سۆيگىنىڭ باشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
♪ مۇزىـــــكا ♪
ئازابلاردا ئۆتتى كۈنلىرىم
يوللىرىڭدا مېنىڭ كۆزلىرىم
چۈشەندۈردۈم قەلبىمنى شۇنچە
كار قىلمىدى لېكىن سۆزلىرىم
ئايلانسىمۇ يۈرۈگۈڭ تاشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
ئايلانسىمۇ يۈرۈگۈڭ تاشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
♪ مۇزىـــــكا ♪
سۆيگەنلىرىم ياتقا سۈيۈندى
نېچۈن تەقدىر بۇنداق پۈكتى
ھەر نەپەستە ئەسلىدىم سېنى
ھەر دوقمۇشتا قەدىرىڭ ئۆتۈلدى
چاناقلىرىم تولدى ياشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
مەن ئۇنتۇشنى بىلمەيدىكەنمەن
يەنە سېنى ئىزلەيدىكەنمەن
ئۆلۈپلا بىر قۇتۇلاي دېدىم
قىينالساممۇ ئۆلمەيدىكەنمەن
باشلىرىمنى ئۇرساممۇ تاشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
باشلىرىمنى ئۇرساممۇ تاشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا