歌词塔 搜索歌曲

Yatlaxtuk.歌词

歌手:yaxar 专辑:Yatlaxtuk.

يامان كۈنلەدە تۇققانتۇق
روناخ تاپقاندا ياتلاشتۇق.
پالازدىن تەستە ئايرىلىپ،
گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق.
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا،
تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە،
قانات قاققاندا ياتلاشتۇق
ئاناڭ كەتتى بىرەر ئۆيدە،
تۈزۈك تۆتكۈن تۇرالماستىن!
تىلىڭنى تاختىغا... نانلار،
ئازاپلاندى سۇرالماستىن!
داداڭنى ھەم كەتكۈزدۈڭ.
بىرەر پاقلان سۇيالماستىن!
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان،
تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق.
。 。 。 。
زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق،
شۇلارغا نەۋرە باقتۇردۇق.
كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى،
شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
قىلىپ تەرە...بەزەن جاھان،
جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ،
كىسەل ياتقاندا ياتلاشتۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ،
بەدەل قاچقاندا ياتلاشتۇق.
ئاناڭ كەتتى بېرىپ بىزدىن،
دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى.
چالارغا ساز ئىچەرگە ئاز،
كۆڭۈل دىن بىرگە ياز كەتتى.
غىزادا ئۆتتى ھېيىت-ئايەم،
قىلالماي جەم قېرىنداشنى.
ئۈتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق،
ئارانلا لىڭشىتىپ تاتىپ!
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا،
ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق.
تالاي يىللىق قېرىنداشتىن،
مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.
مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.
更多>

yaxar最新专辑

更多>

yaxar最新歌曲