歌词塔 搜索歌曲

父亲歌词

歌手:艾尔肯 专辑:足迹

作词 : DJ-Varc
作曲 : DJ-Varc
جان ئاتا
ئەركىن ئابدۇللا
... مۇزىكا ...
زەپمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك زات ئېدىڭ
مىننەتتەنا تەمەننادىن يات ئېدىڭ
تاغ-داۋانلىق ئۇزاق يولدا جان ئاتا
ئۆمۈر بويى يۈك سۆرىگەن ئات ئېدىڭ
سەن تۇغۇلدۇڭ مۇشەققەتكە-جاپاغا
باش ئەگمىدىڭ نى-نى ئاپەت بالاغا
قانداق جاۋاپ ئەيلەي بۈگۈن جان ئاتا
سەن ياغدۇرغان چەكسىز مېھىر-ۋاپاغا
جان ئاتا... جان ئاتا
ئۆزۈڭ كەتتىڭ غەمگۈلزارىم جان ئاتا
جان ئاتا... جان ئاتا
قانداق جاۋاپ ئەيلەي بۈگۈن جان ئاتا
... مۇزىكا
يۈرۈگۈمدە ئۆچمەس مەشئەل ياندۇرۇپ
چوڭ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ ماڭدۇرۇپ
ئۆزۈڭ كەتتىڭ غەمگۈلزارىم جان ئاتا
مۇرادىڭنى ماڭا مىراس قالدۇرۇپ
سەن تۇغۇلدۇڭ مۇشەققەتكە-جاپاغا
باش ئەگمىدىڭ نى-نى ئاپەت بالاغا
قانداق جاۋاپ ئەيلەي بۈگۈن جان ئاتا
سەن ياغدۇرغان چەكسىز مېھىر-ۋاپاغا
جان ئاتا... جان ئاتا
ئۆزۈڭ كەتتىڭ غەمگۈلزارىم جان ئاتا
جان ئاتا... جان ئاتا
قانداق جاۋاپ ئەيلەي بۈگۈن جان ئاتا
قانداق جاۋاپ ئەيلەي بۈگۈن جان ئاتا
更多>

艾尔肯最新专辑

更多>

艾尔肯最新歌曲