歌词塔 搜索歌曲

Bitalay歌词

歌手:али музыка 专辑:Bitalay

بىتەلەي
تېكىست ئىشلىگۈچى: ئابباس

كاككۇك بولۇپ يارالسام ئەگەر
ئۆتەرمىدىم يىغلاپ يارى يوق
بىتەلەينىڭ يۈرەك-باغرى قان
تەلەيلىكنىڭ ئەسلا زارى يوق
بىتەلەينىڭ يۈرەك-باغرى قان
تەلەيلىكنىڭ ئەسلا زارى يوق
(مۇزىكا)
قاقىر بولسام قاناتىم بولسا
قاتارلىشىپ ئاسماندا ئۇچسام
قاقىر بولسام قاناتىم بولسا
قاتارلىشىپ ئاسماندا ئۇچسام
يىغلىساممۇ ئاسماندا يىغلاپ
يار تۇتساممۇ ئاسماندىن تۇتسام
يىغلىساممۇ ئاسماندا يىغلاپ
يار تۇتساممۇ ئاسماندىن تۇتسام
(مۇزىكا)
دۇتتارىڭنى چالغۇم بار ئىدى
باغلانماپتۇ تۆت تال پەدىسى
دۇتتارىڭنى چالغۇم بار ئىدى
باغلانماپتۇ تۆت تال پەدىسى
قىلىپ قويدى مېنى بىتەلەي
بىۋاپانىڭ يالغان ۋەدىسى
قىلىپ قويدى مېنى بىتەلەي
بىۋاپانىڭ يالغان ۋەدىسى
قىلىپ قويدى مېنى بىتەلەي
بىۋاپانىڭ يالغان ۋەدىسى
بىۋاپانىڭ يالغان ۋەدىسى
更多>

али музыка最新专辑

更多>

али музыка最新歌曲