歌词塔 搜索歌曲

Muallim《老师》2014歌词

作词 : Muhtar Bugra
作曲 : Hekim Hasan
مۇئەللىم
شام چىراغ روھ دۇنياسىغا
مۇئەللىم
نۇرىڭىز بەردى ھارارەت
مۇئەللىم
ئەجرىڭىز پەن قىياسىغا
ئۆرلەشتە مەڭگۈلۈك قۇدرەت-جاسارەت
خىلۋەتتە كۆز ئاچقان نامسىز بۇلاقتەك
چاڭقىغان يۈرەككە بەردىڭىز زەم-زەم
مېھرىڭىز يېلىنجاپ تۇرغان چىراغتەك
چۆمۈلدى نۇرلارغا جىمىكى ئالەم
بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن
بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى
بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن
بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى
سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن
بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى

مۇئەللىم
سۆلەتلىك ئەمەس ھۆسنىڭىز
مۇئەللىم
مەكتەپتە سىز ئاددىي ئادەم
مۇئەللىم
ئالەمدەك كەڭرى كۆكسىڭىز
سىز بۈيۈكلۈك تەختىدە تەنھا، مۆھتەرەم
كەچۈرگەچ بېشىڭىز نى نى قىسمەتنى
قارايسىز دۇنياغا شۇڭا ئۆزگىچە
تونۇتۇپ بارىسىز تارىخ ھېكمەتنى
يۇلتۇزدەك كۆزىڭىز تا يۇمۇلغىچە
بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن
بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى
بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن
بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى
بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى
سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن
بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى
更多>

Abdulla Abdurehim 阿不都拉最新专辑

更多>

Abdulla Abdurehim 阿不都拉最新歌曲