Halimayman歌词
خالىمايمەن ئۆزگىلەرنى ئالداشنى
خالىمايمەن ناكەسلەرنى يانداشنى
خالىمايمەن كۈچۈكلىنىپ يېلىنىپ
تاپان يالاپ تۇرمۇشۇمنى قامداشنى
خالىمايمەن بىكار ئويناپ يۈرۈشنى
خالىمايمەن ھەم تېتىقسىز كۈلۈشنى
خالىمايمەن دوسلۇرۇمنىڭ يولىغا
تىكەن بۇلۇپ يانتاق بۇلۇپ ئۈنۈشنى
خالىمايمەن باشقىلارنى دوراشنى
خالىمايمەن كۆڭۈللەرنى ئالداشنى
خالىمايمەن مەيدە كېرىپ غادىيىپ
لايغەزەلدەك ناخشىنى توۋلاشنى
خالىمايمەن ياۋاشقا مۇش ئېتىشنى
خالىمايمەن ۋىجدانىمنى سېتىشنى
خالىمايمەن بىلىمسىزلىك ئىچىدە
نادانلىقتىن دايىم ئۇخلاپ يېتىشنى
نادانلىقتىن دايىم ئۇخلاپ يېتىشنى …