[00:06.58]يامان كۈنلەدە تۇققانتۇق [00:10.5]روناخ تاپقاندا ياتلاشتۇق. [00:14.44]پالازدىن تەستە ئايرىلىپ، [00:17.86]گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق. [00:23.91]تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، [00:27.75]تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق. [00:32.6]ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە، [00:35.90]قانات قاققاندا ياتلاشتۇق [00:41.89]ئاناڭ كەتتى بىرەر ئۆيدە، [00:45.93]تۈزۈك تۆتكۈن تۇرالماستىن! [00:50.40]تىلىڭنى تاختىغا... نانلار، [00:53.59]ئازاپلاندى سۇرالماستىن! [01:00.1]داداڭنى ھەم كەتكۈزدۈڭ. [01:03.91]بىرەر پاقلان سۇيالماستىن! [01:08.50]شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان، [01:11.72]تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق. [01:22.31]。 。 。 。 [01:25.53]زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق، [01:29.9]شۇلارغا نەۋرە باقتۇردۇق. [01:33.53]كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى، [01:37.4]شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق. [01:41.14]قىلىپ تەرە...بەزەن جاھان، [01:45.32]جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق. [01:49.84]باقار چاغدا باھانە كۆپ، [01:53.13]كىسەل ياتقاندا ياتلاشتۇق. [01:57.85]باقار چاغدا باھانە كۆپ، [02:00.99]بەدەل قاچقاندا ياتلاشتۇق. [02:07.76]ئاناڭ كەتتى بېرىپ بىزدىن، [02:11.44]دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى. [02:15.83]چالارغا ساز ئىچەرگە ئاز، [02:18.88]كۆڭۈل دىن بىرگە ياز كەتتى. [02:25.52]غىزادا ئۆتتى ھېيىت-ئايەم، [02:28.99]قىلالماي جەم قېرىنداشنى. [02:33.88]ئۈتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، [02:37.22]ئارانلا لىڭشىتىپ تاتىپ! [02:41.11]ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، [02:45.1]ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق. [02:49.39]تالاي يىللىق قېرىنداشتىن، [02:52.69]مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق. [02:59.84]مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.