Jawapsiz soygu 单恋 作词 : Shahimerdan麦尔丹 作曲 : Shahimerdan麦尔丹 جاۋاپسىز سۆيگۈ تېكىستى & مۇزىكىسى : شاھىمەردان ئىمىن تېكىست تەھرىرى:Mungwaz ئاشۇ چاغلار ئېسىمدە ، تەشنا ئىدىم سۆيگۈڭگە گۈلگە ئاشىق شۇ بۇلبۇلدەك ، ھىجران چۆلىدە يىگانە سۆيدۈم دىسەم سەندىن سادا يوق ، مۇھەببەتكە خالىس جاۋاپ يوق شېرىن كەبى پەرھاتنى ، سۆيگەن يۈرەك سەندە يوق ناخشا ئېيتسام قارايسەن ،زۇلفىڭ بىلەن باغلايسەن سۆزلىرىمگە جاۋاپ يوق ،ئەلەملەرگە تاشلايسەن كۆيمەكتىمەن پىراقتا ، يارسېنىڭدىن يىراقتا جاننى ئالساڭ مەيلىتى ، ھەجەپ قالدىم ئازاپتا كەتسەڭ كەتكىن يىراققا ھامان بىركۈن كىلەرسەن پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە ، ئاشۇ چاغدا يىتەرسەن ئاشۇ چاغلار ئېسىمدە ، تەشنا ئىدىم سۆيگۈڭگە گۈلگە ئاشىق شۇ بۇلبۇلدەك ، ھىجران چۆلىدە يىگانە سۆيدۈم دىسەم سەندىن سادا يوق ، مۇھەببەتكە خالىس جاۋاپ يوق شېرىن كەبى پەرھاتنى ، سۆيگەن يۈرەك سەندە يوق ئىشقىڭدا مەن سەرسانە ، سۆيگۈڭدە مەن پەرۋانە گۈلگە ئاشىق شۇ بۇلبۇلدەك ، ھىجران چۆلىدە يىگانە كۆيمەكتىمەن پىراقتا ، يارسېنىڭدىن يىراقتا جاننى ئالساڭ مەيلىتى ، ھەجەپ قالدىم ئازاپتا كەتسەڭ كەتكىن يىراققا ھامان بىركۈن كىلەرسەن پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە ، ئاشۇ چاغدا يىتەرسەن كەتسەڭ كەتكىن يىراققا ھەركۈن سىنى كۈتەرمەن پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە ،ھامان بىركۈن يىتەرسەن